شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2007- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەبلىغى 30 مىلىيۇن يۈەن . ئاساسلىقى يۈك-ترانسپورت، ئەقلىي مۈلۈك ۋەكالەتچىلىكى (ماركا ۋەكالەتچىلىكى )، ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىقى ، ئىنتىرنېت مۇلازىمىتى ( تور بەت لايىھىلەش) ،ئېلان لايىھەلەش، سودائۇچۇر ۋەكالەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .

شىركىتىمىز  دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىغا رەسمى ئەنگە ئالدۇرۇپ ، بىۋاستە ماركا مۇلازىمەت كەسپىنى بىجىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ھەتتا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەت- كارخانىلار، سودىگەرلەر ئۈچۈن نەچچە يۈز ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش كەسپىنى ۋەكالىتەن بىجىرىپ، نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى .

 شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ماركا تورى www.marka.cn  مەخسۇس ماركا ئۇچۇر- مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي توربېكەت بولۇپ، ماركىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بىلىم-ساۋات ۋە خەۋەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاش ئارقىلىق ، ماركا ئىشلىرىنى بىجىرىش ئالدىدىكى خېرىدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زور ياردەم بەردى
شىركىتىمىز يېقىندا رەسمى يولغا قويغان ئېلانچىلىق مۇلازىمىتى ( قۇياش ئېلانچىلىقى ) پۈتۈن شىنجاڭدىكى خېرىدارلارنىڭ تەكشىلىك ئېلان –ۋىۋىسكا ، ئورالما قاپ، ئىسىم كارتىسى ، تەشۋىقات ، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى . . . قاتارلىق لايىھەلىرىنى يوقۇرى سۈپەت، ئەرزان باھادا لايىھىلەپ ۋە ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىپ ، خەلقنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەكشىلىك ئېلان مۇلازىمىتى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىدۇ .